Arrangementer

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!

ئەزىز ۋەتەنداشلار!
ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئىمانى، دىنىي، ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىش. يامانغا يان تاياق بولماي مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى، دەردىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىپ قانخور خىتاي جاللاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك تارىخى نامايىشقا قاتنىشىشقا ئائىلە بويىچە تەييارلىق قىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭمۇ نامايىش تەييارلىق خىزمەتلىرى ھازىر جىددىي داۋام قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە نامايىشنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى، شۇنداقلا قاتناش ۋە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەم نامايىش جەريانىدىكى لازىملىق ئۇچۇرلارنى ھەر بىر نامايىشچىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نورۋېگىيەدىن نامايىشقا بارىدىغان بارلىق قېرىنداشلارنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىغا 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزلىرىنى تىزىملىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ نامايىش جەريانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمۇ ئۆزىنى تىزىملاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىگە جىددىي قارىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئۆزىنى تىزىملاتماي بارغانلار بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئالاقىسى بولمايدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى
نامايىش تەييارلىق گۇرۇپپىسى